باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 32 كۈچلۈكنىڭ بىرى شىۋېيتسارىيە توغرىسىدا

شىۋېيتسارىيە «پىچىقىنى غىلاپتىن» چىقاردى، بۇ يىل يازدا يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدۇ

2018.05.31 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ياۋروپانىڭ ئۆگزىسى» دېگەن نامى بار شىۋېيتسارىيەنىڭ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئورنى بىر قەدەر ئوڭايسىز ھالەتتە. دۇنيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىپىدە دۇنيا بويىچە 6-ئورۇنغا تىزىلغان بولسىمۇ، بىراق ئارقىسىدىكى ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار ئالدىدا ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ھالەتتە تۇرالمايدۇ. شىۋېيتسارىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى سەككىز كۈچلۈك، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە قارشى تەرەپ شىۋېيتسارىيە كوماندىسىغا بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن، بۇمۇ تاق نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى رېكورتىنى ياراتقان. لېكىن شىۋېيتسارىيە ھەر ۋاقىت كىشىلەر قەلبىدىكى چېمپىيون بولالايدىغان كوماندىلار تىزىملىكىگە كىرەلمەيدۇ. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچى بولسىمۇ، لېكىن ساپ توپ كىرگۈزۈش سانى جەھەتتە، گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار ئىچىدە ئەڭ ئارقىدا تۇردى. يېقىندا شىۋېيتسارىيە كوماندىسى تاللانغان ئەزالىرىنىڭ تۇنجى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار بۇ يىل يازدا يېڭى ئىلگىرىلەش يارىتالارمۇ؟

  شىۋېيتسارىيە كوماندىسىنىڭ 26 كىشىلىك تىزىملىكى:

  ۋارىتار: بىلكېي (دورتمۇند)، كوبېل (خوففىنخېيم)، مۋوگو (RB لېيپىزىگ)، زومېر (مۇنچىنگلاخباخ).بېك: ئاكانجى (دورتمۇند)، دىجورۇ (ئانتالىيا سىپور)، ئەلۋېدى (مۇنچىنگلاخباخ)، مايكېل لاڭ (باسېل)، لىچىنستېينىر (يۇۋېنتۇس)، مۇبانجى (تولۇس)، رىكاردو رودېرىگىس (AC مىلان)، شال (لا كورۇنا)، ۋىدمېر (ئۇدىنىس) .

  ئوتتۇرا مەيدان: بېھرامى (ئۇدىنىس)، جەمايىل (بولونىيا)، E فېرنەندىس (ۋېست بىرومموۋىچ)، G فېرنەندىس (فىرانكفورت)، فرىئۇلېر (ئاتلانتا)، جاكا (ئارسېنال)، شاكىرى (ستوكھولم شەھىرى)، جاكالىيا (مۇنچىنگلاخباخ)، زۇبېر (خوففېنخېيم).

  ھۇجۇمچى: درىمىك (مۇنچىنگلاخباخ)، ئېمبولو (شالك 04)، گەۋرانوۋىچ ( GNKدىنامو)، سېفېروۋىك (بېنفىكا).

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، شىۋېيتسارىيە كوماندىسى بىرازىلىيە، كوستارىكا ۋە سېربىيە كوماندىلىرى بىلەن بىللە E گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. بۇ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن پېتكوۋىچ يېتەكلىگەن شىۋېيتسارىيە كوماندىسى ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر