باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى ئەلئارا تەشكىلاتلار ھەمكارلىق تورى مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2019.04.28 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەلئارا تەشكىلاتلار خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2- نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى ئەلئارا تەشكىلاتلار ھەمكارلىق تورى مۇنبىرى 27- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. 22 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 170 نەپەر جۇڭگو ۋە چەتئەل ئەلئارا تەشكىلات ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى «ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ باردى .

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى بويىدىكى ئەلئارا تەشكىلاتلار ھەمكارلىق تورىنى تەسىس قىلىش بولسا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدۇر. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ھەمكارلىق تورىنىڭ تەسىس قىلىىنىشى ۋە بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنبەرگە مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ھەمكارلىق تورىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى بۇنىڭدىن كېيىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور ئەزالىرى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭغا ئەزا تەشكىلاتلار بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدىكى ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەمكارلىق تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۇپا بەرپا قىلىش كېرەك؛ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ «يىپەك يولى ھېكايىسى»نى ئورتاق سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق تورى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .

  يىپەك يولى بويىدىكى ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىق تورى بولسا، جۇڭگو ئەلئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 2017- يىلى 11- ئايدا رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر