- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى: بېيجىڭ بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بېنىز ئاپتوموبىلى پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2019.04.16 15:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا تاراتقۇلار قىزغىن مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بىر مەسىلىگە قارىتا، يەنى، بېنىز ئاپتوموبىلىنىڭ ئايال ئىگىسىدىن «پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ھەققى» ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بېيجىڭ بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن مېسېدېس-بېنىز ئاپتوموبىلى پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىدە سودىگەر ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشتەك مەسىلىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە زۆرۈر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر