باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن توپ-توپ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشلارغا زامىن بولغان ئوت ئاپەتلىرى توققۇز خىل سورۇنغا مەركەزلەشكەن

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.04.16 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى 15- چېسلا ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىلىق، سىنلىق كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن توپ-توپ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشلارغا زامىن بولغان ئوت ئاپەتلىرى ئاساسلىقى سودا سارىيى بازىرى، «كۆپچىلىق توپلاشقان» سورۇنلار، ئەمگەك تىپىدىكى كارخانىلار، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، توپ جايلاشقان ئىجارە ئۆيلەر، مېھمانخانىلار، ئېگىز بىنالار، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى قاتارلىق توققۇز خىل نۇقتىلىق سورۇنلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭدا قۇتقۇزۇش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇق ھالەتتە بولۇش، تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرى راۋان بولماسلىق ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق دېگەندەك توققۇز خىل گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەرلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.

  جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى 10 يىلدا مەملىكەت بويىچە ئۆلۈش-يارىلىنىشلارغا زامىن بولغان ئوت ئاپەتلىرىدىن 35ى يۈز بەرگەن (قەستەن ئوت قويۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە سەۋەبلەر مۇنداق بەش خىل بولۇپ، ئۇلار: بىرى ئېلېكترلىك سەۋەبدىن كېلىپ چىققان ئاپەتلەر. بۇنداق ئاپەتلەردىن 21ى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنداقلار ئاپەتلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %60نى ئىگىلىگەن؛ ئىككىنچىسى سۈنئىي ھالدا ئوت قويۇپ بېرىش ئاپەتلىرى بولۇپ، بۇنداق ئاپەتلەردىن ئالتە قېتىم يۈز بەرگەن، ئۇ ئومۇمىي سانىنىڭ %17.1نى ئىگىلىگەن؛ ئۈچىنچىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پوجاڭزا ئېتىش، كىچىك بالىلار ئوت ئويناش ۋە قېلىپ قالغان ئوت قالدۇقلىرى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئاپەتلەر. بۇنداق ئاپەتلەردىن تۆتى يۈز بەرگەن، ئۇنداقلار ئاپەتلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %11.5نى ئىگىلىگەن؛ تۆتىنچىسى قائىدىگە خىلاپ ھالدا كەپشەرلەش مەشغۇلاتى قىلىشتىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەر. بۇنداق ئاپەتلەردىن ئىككىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنداقلار ئاپەت ئومۇمىي سانىنىڭ %5.7نى ئىگىلىگەن؛ بەشىنچىسى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئوت كىتىش ۋەقەسىدىن ئىككىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنداقلىرى ئاپەت ئومۇمىي سانىنىڭ %5.7نى ئىگىلىگەن.

  ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى 4- ئايدىن 10- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر