باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.16 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015-يىلى 6-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)» پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە پارتگۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلىيىتى تولۇقلىنىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، نىزامنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ قوللانما قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى تەلەپلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، پارتگۇرۇپپا تۈزۈمىدە توغرا يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «نىزام»نى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتگۇرۇپپىدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتگۇرۇپپا خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ سىياسىيلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئاڭلىق قوللىنىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى، ئالاقىدار پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لار «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، پارتگۇرۇپپا قۇرۇشتا قېلىپلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. جايلار، تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر