باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى لەۋزىدە تۇرمىغان، يوشۇرۇن خەۋپنى ئۇزاققىچە تۈزەتمىگەن ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ «قارا تىزىملىك»گە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.04.16 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15-چېسلا جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىدە، ھەر دەرىجىلىك ئوت مۇداپىئە تارماقلىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان، يوشۇرۇن خەۋپنى ئۇزاققىچە تۈزەتمىگەن ئورۇن ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلار «قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى كۆرۈنمە چاستوتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن توپ ئۆلۈش، توپ يارىلىنىش ئوت ئاپىتى ئاساسلىقى سودا بازىرى، «كۆپ بىرلەشتۈرۈلگەن» سورۇن، ئەمگەك تىپىدىكى كارخانا، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، توپ ئىجارە ئۆيى، مېھمانخانا، ئېگىز بىنالار، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق سورۇنغا مەركەزلىك تارقالغان بولۇپ، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر بۇزۇلۇش، تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرى راۋان بولماسلىق، باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق توققۇز خىل گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەر ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ساھە تارماقلىرى، ئىجتىمائىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ھەرىكەت خىزمەت ئاپپاراتى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كەسپىي تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك سورۇنلارنى، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىجتىمائىي ئورۇنلار «ئۈچنى ئۆز ئالدىغا قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش، بىرگە ۋەدە بېرىش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر