باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018 – يىللىق «شەھۋانىيلىق، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تىكى ئون چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى

2019.01.11 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىق، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى 10-يانۋار 2018-يىللىق «شەھۋانىيلىق، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تىكى ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى، ئۇلار قانۇنسىز نەشىر قىلىش، توردا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش، يالغان تاراتقۇ، يالغان مۇخبىر، يالغان مۇخبىرلار پونكىتى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئوغرىلىقچە كۆپەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك «شەھۋانىيلىق، قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» دېلوسىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 1200دىن ئارتۇقى بولۇپ، 2670تىن ئارتۇق كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە جازالانغان.

  01 جېجياڭ جياشىڭدىكى «5-ئاپرېل» توردا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلوسى.

  02 شەندۇڭ جىنىڭدىكى «15-دېكابىر» شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلەپ، تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى.

  03 جېجياڭ تەيجوۋدىكى «4-ئاۋغۇسىت» توردا ئېلېكتىرونلۇق قانۇنسىز نەشىر بويۇملىرىنى سېتىش دېلوسى.

  04 خۇنەن يىياڭدىكى «12-مارت» قانۇنسىز، زىيانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىر بويۇملىرىنى ئىشلەپ، سېتىش پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلوسى.

  05 خۇنەن چېنجوۋدىكى «28-دېكابىر» شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش دېلوسى.

  06 لياۋنىڭ داليەندىكى «29-ئاۋغۇست» ئوغرىلىقچە كۆپەيتىلگەن كىتابلارنى سېتىش دېلوسى.

  07 شەنشى ۋېينەندىكى «13-سېنتەبىر» شېرىكلىشىپ ئاخبارات قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسى.

  08 جياڭسۇ نەنجىڭدىكى «16-ئىيۇن» توردا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ پايدا ئېلىش پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلوسى.

  09 ئەنخۇي خېفېيدىكى شۇ XX قاتارلىق كىشىلەرنىڭ توردا ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى

  10 سىچۈەن گۇاڭئەندىكى «23-يانۋار» لى XXنىڭ توردا كىچىك قىزغا پەسكەشلىك قىلىش دېلوسى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر