باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى

2019.01.10 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى 9 -يانۋار ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىدە «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر» نەق مەيداندا ئالاقە ئورنىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 2018-يىلى 12-ئايدىكى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. كەڭ تور ئەھلىنىڭ كۆرسىتىپ باھالىشى ئارقىلىق، ئەزاسىنى ئىئانە قىلىش ئارقىلىق بەش ئادەمنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن «80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان قىز» ۋاڭ تىڭتىڭ، پىچاقلىق قارا نىيەت ئۇنسۇر بىلەن ئېلىشىپ باتۇرلارچە قۇربان بولغان تۈرمە ساقچىسى ليۇ يەن، 30 يىل «ئەرزان باھادا دورا ساتقان» بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى شۈ شياۋجۈن، «سۇ ئەجدىھاسى» كېمىسىنى باتۇرلۇق بىلەن ھەيدەپ چوڭقۇر دېڭىزغا شۇڭغۇغان قەھرىمان غەۋۋاس تاڭ جيالىڭ، 80 ياشلىق ئانىسىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ مەكتەپتە ئوقۇغان «90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان قىز» سۈن چىڭ قاتارلىق 108 كىشى بۇ تىزىملىككە كىردى. ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىللىق ئەخلاق كۈچىنى يەتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان روھىي كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر