باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«تور قىسقا سىن سۇپىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسى»، «تور قىسقا سىن مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەپسىلىي قائىدىسى» ئېلان قىلىندى

2019.01.10 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، جۇڭگو تور ئۈن - سىن پىروگراممىلىرى مۇلازىمەت جەمئىيىتى «تور قىسقا سىن سۇپىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» ۋە «تور قىسقا سىن مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى ھۆججەتتە ئاپپارات ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش ۋە مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش جەھەتتە قىسقا سىن تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. «تور قىسقا سىن سۇپىسى باشقۇرۇش قائىدىسى»دە سۇپا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي قائىدە، ئابونت باشقۇرۇش، مەزمۇن باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا 20 تۈرلۈك قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «تور قىسقا سىن مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەپسىلىي قائىدىسى» قىسقا سىن سۇپىسىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى تەكشۈرۈش خادىملىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، قىسقا سىن ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، 100 ماددىلىق مەشغۇلات خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بېكىتىلگەن. «تور قىسقا سىن سۇپىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسى» ۋە «تور قىسقا سىن مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى تەپسىلىي قائىدىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى قىسقا سىن تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر