باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق ئون چوڭ «ئىلمىي» پىتنە-ئىغۋا تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

بۇ پىتنە-ئىغۋالارغا ھەرگىز ئالدانماڭ

2019.01.11 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر كۈنى بىر قانچە ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە راك پەيدا قىلمايدۇ

  پىتنە-ئىغۋا: قەھۋە راك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋال: قەھۋە تەركىبىدىكى ئاكرىلامىد A2تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، لېكىن A2 تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ مەنىسى بولسا، ھايۋانات تەجرىبىسىدە ئېنىق راك پەيدا قىلىش رولى بار، ئادەملەر توپىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان، پەقەت يوشۇرۇن خەۋپ- خەتىرى بار دېگەنلىك. «يېمەكلىك ۋە خىمىيەۋى زەھەرلىك ماددىلار ئىلمى» قەرەللىك ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 2.6 مىكروگىرامدىن 16 مىكروگىرامغىچە ئاكرىلامىد قوبۇل قىلغاندا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى بار بولىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى 55 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈندىكى ئاكرىلامىدقا چىدامچانلىق مىقدارى 143 مىكرو گىرام بولىدىكەن. 160 مىللىلېتىر كېلىدىغان بىر ئىستاكان قەھۋەدىكى ئوتتۇرىچە ئاكرىلامىد مىقدارى 0.45 مىكروگىرام كېلىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى ئاز دېگەندە 318 ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە، ئاندىن راك پەيدا قىلىش خەتىرى ۋۇجۇدقا كېلىشى مۇمكىن.

  ۋاكسىنا يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال

  پىتنە-ئىغۋا: ۋاكسىنا ئىشلىتىشكە ئەرزىمەيدۇ، ئۈنۈمى يوق، ۋاكسىنا ئەملىمىسىمۇ ھېچقىسى يوق. ھەقىقىي ئەھۋال: ۋاكسىنا بولسا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوماتىك ئىممۇنىتېت ياسىغۇچى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ۋاكسىنا ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر. نۆۋەتتە ئېلىمىز ناھايىتى يۇقىرى بولغان ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىگە تايىنىپ بوغما، كۆكيۆتەل ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىپ كەلمەكتە. ۋاكسىنا ئەملەش بىخەتەر، ۋاكسىنا ئەملەشتىن ئېرىشكەن پايدا ۋاكسىنا ئەملەش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان زىياندىن خېلىلا چوڭ. يېتەرلىك كۆپ ئادەم ۋاكسىنا ئەملىگەندىلا، ئاندىن كەڭ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئەنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  چىش يۇيۇش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ

  پىتنە-ئىغۋا: چىش يۇيۇش چىشنى بۇزۇپ قويىدۇ.

  ھەقىقي ئەھۋال: چىش يۇيۇش چىشنى ئاقارتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چىش يۈزىدىكى باكتېرىيە، چىش تېشى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈندۇر. چىش كاۋىكى يوغىناپ كېتىش، چىش بوشىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كەلسەك، بۇلار چىشتا ئەسلىدىمۇ مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، بەلكىم چىش مىلىكى يىگىلەشكە باشلىغان بولۇشى، بۇلارنى دەل چىش ئەتراپى كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چىش تېشىنى ۋاقتىدا تازىلىۋەتمىگەندە، ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر