باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خەينەندە ساياھەت قىلىشقا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2019.01.09 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 7- يانۋار كۈنى ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەينەن ئۆلكىسىگە ساياھەتكە بارىدىغانلارغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، جۇڭگو خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەت بايلىقى، ھەم شۇنىڭدەك چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر چېگرادىن خەينەنگە كىرگەندە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى.

  جۇڭگونىڭ باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ ئەھۋال تونۇشتۇرۇش يىغىندا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەينەننىڭ مەنزىرىلىرى گۈزەل، كىلىماتى يېقىملىق، ئۇ جاينىڭ قازاقىستان خەلقى ئارىسىدا داڭقى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، ھەر يىلى نۇرغۇن قازاقىستانلىقلار خەينەنگە دەم ئېلىشقا بېرىۋاتىدۇ.

  جاڭ شياۋمۇنداق دېدى: چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ خەينەنگە بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 59 دۆلەت پۇقرالىرىغا يۈزلەنگەن ھالدا خەينەندە چېگرىدىن كىرىپ، ئۇ جاينى ساياھەت قىلىشقا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ، جۇڭگو ۋە قازاقىستاندىكى خادىملارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋە ئىككى دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەل رايى ئالاقىلىسىنى كۈچەيتىشتە ئەھمىيىتى زور.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر