باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھىرى 92 ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ئورۇنلىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2019.01.10 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-يانۋار، تيەنجىن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، تيەنجىن شەھىرى ساغلاملىق بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا زەربە بېرىش، ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، 11 مىڭ 568 ئادەم قېتىم قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنى چىقىرىپ، 92 ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ئورۇنلىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساغلاملىق بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، تيەنجىن شەھىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، شەھەر بويىچە ساغلاملىق بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا زەربە بېرىش، ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، شەھەر بويىچە 11 مىڭ 568 ئادەم قېتىم قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنى چىقىرىپ، 11 مىڭ 195 ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى كارخانىلىرى (ئورۇنلىرى)نى تەكشۈرۈپ، 636 مەيدان تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، 12 مىڭ 983 پارچە تەشۋىقات ئېلانىنى چاپلاپ، 8192 تال تەشۋىقات ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلغان 107 ئورۇن (سورۇن)نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ سېتىش ۋە ساختا تەشۋىقات دەپ گۇمان قىلىنغان 92 ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ئورۇنلىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئىككى دىلونى ج خ ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئالدامچىلىق قىلىپ ساختا تەشۋىقات قىلغان 14 ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، 35 ئورۇننى نەقمەيداندا تۈزىتىشكە بۇيرىغان، قانۇنغا خىلاپ ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىدىن 286 مىڭ 310 پارچە (قۇتا، دانە، خالتا)نى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر