- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيە تانېگا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى
2019.01.09 15:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە كاگوشىما ناھىيەسىنىڭ تانېگا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇ كۈنى سائەت 21دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە 6.4 بال يەر تەۋرىگەن.
مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ دېيىشىچە، تەۋرەش مەنبەس تانېگا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە (شەرقىي مېرىدىئان 131.2 گىرادۇس، شىمالىي كەڭلىك 30.6 گىرادۇسقا) جايلاشقان، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ياپونىيە مىيازاكى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار ۋە كاگوشىما ناھىيەسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان. يەر تەۋرەش ياپونىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئوكيان يۈزىدە بىر ئاز داۋالغۇش بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلمايدىكەن.
ياپونىيە تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر