باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تالىبان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈش ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى

2019.01.09 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋەكىللىرى ئەسلىدە مۇشۇ ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى بېكىتكەنىدى، لېكىن تالىبان ئەزاسىنىڭ 6-چېسلا مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تالىبان ئۇچرىشىش ئورنىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشكىلىي ئىش باشقارمىسى بار بولغان قاتارغا ئۆزگەرتتى.

  تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ كەلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان تالىبان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر قىلدى: تالىبان ۋە ئامېرىكا تەرەپ خادىملىرى ئەسلىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشنى بېكىتكەن، لېكىن، مەسىلە شۇ يەردىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىرى بىزنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچراشتۇرماقچى بولدى، بۇ بىز ھازىر قىلالمايدىغان ئىش. شۇڭا، بىز سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق.

  بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگۈچى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن قاتاردا ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ بېسىم قىلىشىدىن ساقلىنىدۇ.

  تالىبان ۋەكىللىرى ئالدىنقى ئايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشقان. بۇ ئۇچرىشىشتا، 17 يىل داۋاملاشقان ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشمىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستان يارىشىش ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى خەلىل زاد ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان.

  تالىباننىڭ باياناتچىسى تۆبىۋۇللا مۇجاھىت تالىباننىڭ رىياد ئۇچرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىلىدى، لېكىن كېلەر نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئورنىنى تىلغا ئالمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر