باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسقا سىن ئالدامچىلىق «ھىيلىسى»دىن ئېھتىيات قىلىڭ

2019.01.09 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆچمە تېرمىنال قىسقا سىنىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور ئالدامچىلىقىمۇ يېڭىچە شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئالاقىدار پاش قىلىش سۇپىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا ئابونتلار قىسقا سىنغا سۈنئىي ئۇسۇلدا قوللاشنى ئاشۇرۇش ئالدامچىلىقىنىڭ ئارىلاپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار تورداشلارنىڭ ئابرويپەرەسلىك پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يالغاندىن تېخنىكا ئارقىلىق ياكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق «ياخشى قوللاش»، «ياخشى ئىنكاس» سانىنى ئاشۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى باھانە قىلىپ، ئابونتلارنىڭ پۇلىنى ئالدىغان.

  قىسقا سىن ئالدامچىلىقى قارىماققا ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئائىت دېلولارغا قارىغاندا، بۇ ئالدامچىلىق ئورىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بەزىلىرى قىسقا سىننىڭ مەزمۇنى ئارقىلىق ئابونتلارنى جەلپ قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئۈندىدار سودىگىرى قىياپىتىدە ئۇلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالدايدۇ. بەزىلىرى قىسقا سىن سۇپىسىدا «قىزىل بولاق قايتۇرۇش» پائالىيىتى ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ، ناۋادا باشقىلارنى قارماققا ئىلىندۇرۇپلا قالسا، پۇلنى ئېلىپ يوقاپ كېتىدۇ. بەزىلىرى «ھەقسىز ئايفون سوۋغا قىلىش»نى باھانە قىلىپ، ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، «تېز يوللانما ھەققى»، «رەسىمىيەت ھەققى»، «باج ھەققى» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن پۇللارنى ئالدايدۇ...

  «جۇڭگو كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ 2018-يىلىدىكى يېرىم يىللىق دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقا سىن ساھەسىدىكى ئابونتلارنىڭ سانى 500 مىليوندىن ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، %85 ئابونت 24 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىكەن، بۇلار «95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» ياكى «2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» بولۇپ قىزىقىشى كۈچلۈك، جەمئىيەت تەجرىبىسى كەمچىل، ھەتتا بەزى ئازغىنە پايدىنى كۆزلەيدىغان تەلەي سىناش پىسخىكىسى مەۋجۇد، يەنە ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەش ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى قوشۇلۇپ قىسقا سىن تەبىئىي ھالدا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پايدىغا ئېرىشىش يولىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر