باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 28 تۈرلۈك تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلققە قولايلىق ياراتتى

2019.01.09 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 8-چېسلا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۆزى دەرىجىلىك ۋە يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى يولغا قويغان تۈرلۈك تەستىقلاشقا ئائىت ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قائىدىسى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن 28 تۈرلۈك تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەستىقلاش ئىشلىرى ئادۋوكاتلىقنى باشقۇرۇش، ئادۋوكاتلىق ئورنىنى باشقۇرۇش، دۆلەت قانۇن كەسپى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى باشقۇرۇش، مەھەللىلەرنى تۈزەشنى يولغا قويۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيە تەتقىقاتى مىنىستىرلىق دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىكەن.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «ئادۋوكاتلىق باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق تارماقلار قائىدە-نىزامدا بەلگىلەنگەن «ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كەسىپ توغرىسىدىكى ئىسپاتى»، «كەسىپكارلىق خەۋپ-خەتىرى، تەرەققىيات فوندى ئىشلىرى ئىسپاتى» قاتارلىق 20 تۈردىكى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «مەھەللىلەرنى تۈزەشنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە بەلگىلەنگەن «جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك خاتىرىسى ئىسپاتى»، «ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى» قاتارلىق سەككىز تۈردىكى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر