باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ساغلاملىق» بازىرىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللار تۈزىتىلىپ، ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېلىشتۇرۇش، باھالاش مەنئى قىلىنىدۇ

2019.01.09 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق 13 تارماق 8-يانۋار «ساغلاملىق» بازىرىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ يىغىندا مۇنداق دېدى: جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېلىشتۇرۇش، باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە قەتئىي سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  جاڭ ماۋ مۇنداق دېدى: ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان تەدبىر قوللىنىپ، قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېقىندا «ساغلاملىق» بازىرىدا ساختا، يالغان تەشۋىق قىلىش، قانۇنسىز ئېلان بېرىش، ئىستېمال ئالدامچىلىقى، ساختا تاۋار ياساش، سېتىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، بازار تەرتىپىنى بۇزدى. جامائەتچىلىك پىكرى ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇپ، ئامما ساغلاملىق بازىرىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى تېزدىن تۈزەشنى تەلەپ قىلدى. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت شەكىللىك قانۇن ئىجرا قىلماي، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  «100 كۈنلۈك ھەرىكەت»كە قاتناشقان 13 تارماق يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ۋەھاكازالار. ھەر قايسى تارماقلار يىغىندا «100 كۈنلۈك ھەرىكەت»نى ئورۇنلاشتۇردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 24 سائەتلىك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، پاراكەندىچىلىك تېلېفونىدىن پايدىلىنىپ ساغلاملىق بۇيۇملىرى سېتىشنى قاتتىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق ھالدا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سورۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ساغلاملىق بۇيۇملىرى سېتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سودا مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە سېتىش كەسىپلىرىنىڭ بازار ئىجازىتىنى چىڭىتىپ، بىۋاسىتە سېتىش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى تۈزەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساياھەت تارماقلىرى تۆۋەن باھالىق ساياھەتتىن پايدىلىنىپ ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىش قىلمىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سەھىيە تارماقلىرى ھەر خىل ساغلاملىق لېكسىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش نامىدا قانۇنسىز داۋالاش، كىنىشكىسىز دوختۇرلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر