باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق تۆمۈريول چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ 1-نۆۋەتلىك بىلەت سېتىش يۇقىرى پەللىسى مۇقىم، سىلىق ئۆتۈپ كەتتى، 200 مىليون بېلەت سېتىلدى

2019.01.09 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتى سېتىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى ھەر خىل بېلەت سېتىش ئۇسۇللىرى مۇقىم، تەرتىپلىك يۈرۈشۈپ، ئومۇمىي مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئاشقان، بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا تۆمۈريول تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت سېتىش يۇقىرى پەللىسىدىن مۇقىم ئۆتۈپ، تۆمۈريول تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ يولۇچىلارنىڭ تەسىراتىنى يەنىمۇ ياخشىلىغان. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريولدا ھەر خىل بېلەت سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 200 مىليون بېلەت سېتىلىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 323 مىڭ بېلەت سېتىلغان، كۈندىلىك سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون 895 مىڭى ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %16.6 بولۇپ، يەككە كۈندە بېلەت سېتىش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  تۆمۈريول باش شىركىتىدىكى ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا، 12306 تور پونكىتى بېلەت سېتىش ئاساسىي يولى رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۈندىلىك بېلەت سېتىش مىقدارى 11 مىليون 174 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي سېتىلغان بېلەت سانىنىڭ %83.9نى ئىگىلىدى، سېتىلغان %96.1تىن ئارتۇق پويىز بېلىتىگە تەكشۈرۈش كودى ئىشلىتىلمىدى. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، 12306 تور پونكىتى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئاستا-ئاستا يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدى، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، 1-نۆۋەتلىك بېلەت سېتىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، تور بەتنى كۈندىلىك كۆرۈش سانى 131 مىليارد 60 مىليون قېتىمغا يېتىپ، بىر كۈندە 12 مىليون 820 مىڭ بېلەت سېتىلدى.

  مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا تۆمۈريول تارماقلىرى 12306 تور پونكىتىنىڭ بەت يۈزىنى ئۆزگەرتىش، توردا بېلەت سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، توردا يۈزىنى سىكاننېرلاپ تەكشۈرۈش، تولۇقلىنىدىغان بېلەت سېتىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق بىلەتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ بىلەت سېتىۋېلىش تەسىراتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدۇق. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈريول تارماقلىرى 12306 تور پونكىتى(يان تېلېفون تېرمىنالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىدارى قىس يۆنىلىشتىكى قىسمەن نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئۇزۇن يول بۆلىكىدە تولۇقلىنىدىغان بېلەت سېتىش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغاندا، زور ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ قالغان بېلەت سانىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈشىنى ئازايتتى. 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، تولۇقلىنىدىغان بېلەت زاكىسى 170مىڭغا يېتىپ، يولۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن زاكازنى قايتۇرغىنىنى چىقىرىۋەتكەندە، نەقلەشتۈرۈلىدىغان زاكاز 106 مىڭغا يېتىپ، 65 مىڭى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەقلەشتۈرۈلدى، 100 مىڭ پويىز بېلىتىنى نەقلەشتۈرۈش نىسبىتى %61.3كە يېتىپ، يولۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا تەكشۈرۈش قېتىم سانى ئازايتىلدى.

  تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، جۇڭگو تۆمۈر يول 12306 تور پونكىتى (www.12306.cn) ۋە «تۆمۈر يول 12306» تېرمىنالى(«تۆمۈريول 12306» خېتىنىڭ ئۈستىدە تۆمۈريول بەلگىسى ۋە «جۇڭگو تۆمۈريولى» دېگەندەك سىنبەلگە بار)دىن بېلەت سېتىۋېلىپ، نورمال بولمىغان يول ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەردىن ساقلىنىڭ. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى «تۆمۈر يول 12306» تور پونكىتى، ئۈندىدارى، تېرمىنالى ۋە «جۇڭگو تۆمۈريول» ئۈندىدارى، بىلوگىدىن سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر