باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ سۆھبەتلىشىشى ئارقىلىق 17 خىل راكقا قارشى دورا ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتى: جاننى قۇتقۇزۇش دورىسىنى يېيەلەيدىغان، يېيىشكە مادار يېتىدىغان بولدى

2019.01.11 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 6-ئايدا، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مۇندەرىجە سىرتىدىكى راكقا قارشى دورىلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش مەخسۇس سۆھبەت خىزمىتىنى يولغا قويدى. كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، 17 خىل دورىنىڭ سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە پارچە سېتىش باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۆھبەتلەشكەن دورىلارنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56.7 تۆۋەنلىدى. يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جايلار 17 خىل راكقا قارشى دورىنى داۋالاش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاغرىقلار باھاسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى راكقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتتى.

  باھا بېكىتىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت دورا باھا سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. قانداق قىلغاندا دائىملىق مېخانىزم ئورنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا زىيارەت قىلىپ تەكشۈردى.

  ئاغرىقلارنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى

  17 خىل دورىنىڭ سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە پارچە سېتىش باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۆھبەتلەشكەن دورىنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56.7 تۆۋەنلىدى، كۆپ قىسىم ئىمپورت دورىلارنىڭ چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %36 تۆۋەنلىدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى لياڭ يۈخۇا 2014-يىلى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانىدى. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ فۇجيەن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالاش دورىسى ئانلوتىنبىننى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كېسەللىك ئەھۋالىم ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى، راكقا قارشى دورىلار داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن دورا ئىچسەملا كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

  لياڭ يۈخۇا ئىلگىرى خىمىيەلىك داۋالاش قىلغاندا، بىر داۋالاش باسقۇچىغا 21 كۈن، 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە پۇل كېتەتتى. ھازىر، سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئانلوتىنبىننى ئىچىشكە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، باھاسى ئىلگىرىكى ھەر قۇتىسى 6200 يۈەندىن 3409 يۈەنگە چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىچە ھەر ئايلىق دورا پۇلى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق بولۇپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن شەخس پەقەت 3000 يۈەن تۆلەيدىغان بولدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، 17 خىل دورىنى ئۆلكىلىك داۋالاش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنىڭ B تۈرىگە كىرگۈزدى. بۇ قېتىم فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەرنىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان نىسبىتى داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەسلىدىكى چىقىم قىلىش دائىرىسىدىكى نىلوتىنىب ۋە ئوكچرېئوتىدېنىڭ %10ىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، قالغان يېڭى قوشۇلغانلارنىڭ ھەممىسى %30 بولدى؛ باشقا جايلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلدى.

  «بۇ سىياسەت ھەقىقەتەن ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.» دېدى جاڭ چياڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا. جاڭ چياڭ ئالتە يىل ئىلگىرى ئاستا خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. دوختۇر ۋە كېسەلداشلىرى ئىبرۇتىنىبنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئايدىكى 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىمغا ئۇ چىقىش قىلىپ بولالمايتتى. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل خىمىيەلىك داۋالاش، قان سېلىش چارىسى بىلەن داۋالىنىپ، ئىمپورت دورا ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمىدى. ھازىر، جېجياڭ ئۆلكىسى ئىبرۇتىنىبنى داۋالاش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلىدىغان بولۇپ، دورا بىلەن داۋالىنىشنى باشلىدى، ئۈنۈمى يامان ئەمەس بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر