باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.01.10 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-يانۋار مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جايلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، نۆۋەتتە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان.

  خىزمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكىنىڭ تۈزەش ئەھۋالىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى خېبېي، سەنشى، جياڭشى، شەندوڭ، سىچۈەن، گۈيجوۋ قاتارلىق ئالتە ئۆلكىگە ئەۋەتىپ سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە «قوش ئىختىيارىي» ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپاراتلىرىنى تۈزەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېلىشتۇردى.

  نۆۋەتتە، بىر قىسىم جايلاردا ئىدارە قىلىش جەريانىدا ساقلانغان سانلىق مەلۇمات ئەھۋالى ۋاقتىدا يېڭىلانماسلىق، ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، سۇپىلارغا ئۇچۇر كىرگۈزۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم، جايلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم، ساختىپەزلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئامما ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىرى ئارقىلىق كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، يوچۇقلارنى ئۈزلۈكسىز ئېتىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر