باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىلى مال باھاسى قانداق بولىدۇ ؟

2019.01.11 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە 30 خىل كۆكتاتنىڭ ئوتتۇرىچە توپ سېتىلىش باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن % 1.7 ئۆرلىگەن، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى بىلەن ئاشلىقنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئازراق ئۆرلىگەن، ياغنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى سەل داۋالغۇغان، گۆشنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى تۇراقسىز بولغان، قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئازراق تۆۋەنلىگەن.

  بېيجىڭ داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن مال باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇ يىل 1-،2-ئايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى% 2 ئەتراپىدا بولىدۇ، 3-ئايدا ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە مال باھاسى ئۆسىشى ياكى ئۆسۈش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا نېفىت ۋە كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ، يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى كىچىكرەك بولىدۇ؛ سېلىنما تەلىپى بىلەن ئىستېمال تەلىپى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، مال باھاسىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بولمايدۇ؛ پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، چوڭ ئىشلارغا ئېسىلىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، مال باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئەمەس، 2019-يىلى مال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلەش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى % 1.8 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر