- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇلتۇر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى 157 دۆلەتنى قاپلىغان، جەنۇبىي قۇتۇپقا بارغان بەش ساياھەتچىنىڭ بەشى ئىچىدە بىرى جۇڭگولۇق ئىكەن
2019.01.11 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى (مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزى) « 2018- يىللىق ساياھەت ئىقتىسادىنى يۈرگۈزۈشكە ئائىت يۈرۈشلۈك دوكلات: ساياھەت كەسپى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى بىر يىلدا، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ساياھەت ئىستېمالى داۋاملىق كۈچىيىپ، كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش قەدىمى بارغانسېرى يىراقلاشماقتا، 2018- يىلى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئاياق ئىزلىرى 157 دۆلەتنى قاپلىدى.
جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2018- يىلى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ بىرلىشىشىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۇقرالارنىڭ ساياھەت ئىستېمال ئېھتىياجى ئىزچىل تۈردە ئاشتى، دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، چېگرادىن كىرىپ-چىقىپ ساياھەت قىلىش مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلدى، ساياھەتنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرىدىكى رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. پۈتۈن بىر يىلدا ئېلىمىزدە دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى، ساياھەت كىرىمى ۋە ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى قاتارلىقلارنىڭ پىلان بويىچە ئېشىش نىسبىتى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، چېگرادىن كىرگەن-چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ۋە خەلقئارالىق ساياھەتكە چىققانلاردىن قىلىنغان كىرىم كۆرسەتكۈچلىرى مۆلچەرگە ئۇيغۇنلاشتى.
بۇنىڭ ئىچىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ۋىزا ئېلىشتىكى قولايلىق، چىقىم قىلىش رەسمىيىتى مۇھىتىدىكى قولايلىق ۋە جۇڭگودىكى دۆلەت ئورتاق تىل مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە چېگرادىن چىقىپ يىراق مۇساپىلىق ساياھەت قىلىش بازارلىرىدىكى ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشقان. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2018- يىلى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئاياق ئىزلىرى 157 دۆلەتنى قاپلىغان، ئەنئەنىۋى قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت نىشانلىرىدىن باشقا، يەنە ئەسىلە قىزىق نۇقتا ھېسابلانمايدىغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرمۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بايقىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر