باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.01.11 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ تۈزۈم بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1999- يىلى 2- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى» بولسا، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتا، ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋەزىيىتى، ھەمدە ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ نىزامنىڭ بەزى مەزمۇنلىرى يېڭى تەلەپلەر ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا تولۇق ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسىدۇر، شۇڭا ئۇلار يېزا-بازار ۋە كەنتلەرنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشلىرى كېرەك. 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا پارتىيە ياچېيكىلىرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭگىۋار قورغان قۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ پەيتى، شۇڭا، يېڭى دەۋردە يېزاـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر