باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق: ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىخەتەر ھەيدىلىشىگە دەخلى يەتكۈزگۈچىلەر قاتتىق جازالىنىدۇ

2019.01.11 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تارقاتقان «ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىخەتەر ھەيدىلىشىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دە، ئاممىۋى قاتناشنىڭ بىخەتەرلىك تەرتىپىگە بولغان قانۇن كاپالىتىنىڭ سالمىقىنىڭ يەنىمۇ زورايتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدا شوپۇردىن رولنى تارتىۋېلىش ۋە شوپۇرنى ئۇرۇش قاتارلىق بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار دائىم يۈز بېرىپ كەلدى، بۇ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، ئۇ خىل قىلمىشلارنىڭ بەزىلىرى ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېمەك، ئۇ خىل قىلمىشلار ھازىر سەل قاراشقا بولمايدىغان جامائەت ئامانلىقى مەسىلىسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ 2018- يىلى چۇڭچىڭ شەھىرىدە «28- ئۆكتەبىر» ئاممىۋى ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ھادىسە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى كۈچەيتىلىپ، بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك، دېگەن سادالار يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ، يەنى بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى يەتكۈزگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ دېلو يۈز بېرىش سانى، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت نامى، جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى، ھەرىكەتتىكى ئىپادىسى، دېلو يۈز بەرگەن مۇھىت ۋە زىيانلىق ئاقىۋىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك جەملەپ ئانالىز قىلىش ئاساسىدا، تەييارلىغان مەزكۇر «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر