باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.01.11 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەنئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى 10- يانۋار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: 40 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدىن چىقىپ، ئالاھىدە ئىستىراگىيەلىك نەزەر ۋە ئاجايىپ سىياسىي جاسارەت بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك قارارنى چىقىرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. 40 يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىسسىق-سوغۇقلارنى بىشىدىن كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، شۇ يىلى، كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە غايەت زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئاۋاتلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگو قەتئىي تۈردە ئېغىشماستىن ئۆز يولىدا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ بارىدۇ. بىز باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا تېخىمۇ زور پۇرسەت ۋە مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكۈسى.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كات تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى چوقۇم ئۆزگىچە نەزەر، جاسارەت ۋە بەرپا قىلىش روھى بىلەن سىناق ۋە پۇرسەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئامېرىكا ھەر ساھە زاتلىرىدىن ئىبارەت 300 دىن ئارتۇق كىشى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر