- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تەخمىنەن 16 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتقا قارىتا قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلان قىلدى
2018.08.09 16:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ 8-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەخمىنەن 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتتىن %25لىك تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىغا قارىتا، سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 8-ئاۋغۇست سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغانلىق بولۇپ، ئىنتايىن يولسىزلىق. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تەخمىنەن 16 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەھسۇلاتتىن %25لىك تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى ھەمدە ئامىرىكا تەرەپ بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر