باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاپ بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتتى

2018.08.09 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا بولغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاپ بېجىرىش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، يېڭىدىن ۋاقىت جەدۋىلى تۈزدى. بەش يىل ئىچىدە، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا تىزىملاش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە بولىدۇ. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى ئادەتتىكى تىزىملاش، رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش كەسپىنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم 15 خىزمەت كۈنى ۋە يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، باج ئىشلىرى، سودىنى «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، تەڭ بېجىرىش»نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ھەرقانداق توسالغۇ قىلىشقا بولمايدۇ. مەيلى ئىككىنچى قېتىملىق سودا توختامىنى ئەنگە ئالدۇرغان، سودا ئېتىراپ قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ياكى بېجىرمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك، بېجىرىشكە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش»نى يولغا قويغان شەھەرلەرنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئېشىشى لازىم. «كىنىشكىلەرنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى زېرىكتۈرگەن «غەلىتە» ئىسپات، تەكرار ئىسپات قاتارلىق تۈرلۈك ئورۇنسىز ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش لازىم. توردا بېجىرىدىغان ئىشلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)دا ئاز دېگەندە ئىككى ۋىلايەت-شەھەر، 10 ناھىيە-رايوندا «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش + ئالاقە تورى»نى يولغا قويۇش، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، بارلىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرىدە «ئالاقە تورى + كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش» خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، 2019-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لازىم.

  كۆرۈپ ېېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر