باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەشتە ئەملەنگۈچىدىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ

2018.08.09 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېكىتى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېلان قىلغان «چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملەنگۈچىلەرگە داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەشكە ئالاقىدار ھەق ئېلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرى غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەش، ھەمدە ئۇنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش خىزمىتى جەريانىدا، ئەملەنگۈچىلەردىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملەنگۈچىنىڭ داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە يېقىندا«چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەش لايىھەسى» (دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خېتى (2018) 670- نومۇرلۇق)نى بېسىپ تارقاتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، ئەملەنگۈچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىنىڭ غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەش، ھەمدە ئۇنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش خىزمىتىدە، ئەملەنگۈچىدىن ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ئەملەش ئورۇنلىرى بېرىپ تۇرىدۇ، ياخشى خاتىرىلەپ، ئالاقىدار خىراجەتلەرنىڭ تالونىنى ساقلاش لازىم.

  7- ئاينىڭ 6- كۈنى، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىلىن چاڭچۈن شەھىرىدىكى چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى دېلوسى ھەققىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە، غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. چېگرا سىرتىغا سېتىلغان ۋاكسىنا دېلوسىغا چېتىشلىق مەسىلىلەر، ھەمدە ئۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ۋاكسىنىلارنى قايتۇرۇپ يىغىۋېلىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى.

  بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 8- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە ئورگان تور بېكىتىدە ئالتە تۈرلۈك مۇھىم ئاخبارات ۋە ئۇقتۇرۇشنى داۋاملىق ئېلان قىلدى، «چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق تۈردە ۋە تولۇقلاپ ئەملەش لايىھەسى» (قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر