باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى

2018.08.09 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8–ئاينىڭ 7–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەدبىرنى چىڭىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، زىچ ماسلىشىشى؛ ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ۋە كەلكۈن ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق لايىھەلەرنى تۈزۈپ ھەم ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش دەسلەپكى لايىھە مەشىقىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى؛ يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەۋەلىكتىكى بارلىق سۇ ئامبارلىرىنى بىرمۇبىر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، سۇ ئامبارلىرىدىكى خەۋپنى تۈگىتىش، مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر