باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9- ئايدىن ئېتىبارەن، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئەھۋالى چوقۇم ئاشكارا بولۇشى كېرەك

خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ سىرتقا قارىتا ئاشكارا تۇتۇشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلىرى چوقۇم خەير-ساخاۋەت تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، چوڭ مال-مۈلۈكلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك

2018.08.09 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 8- كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، تارماقلارنىڭ قائىدە-نىزاملىرى سۈپىتىدىكى «خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش چارىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چارە 2018- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئۇ چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلىشى، چوڭ مال-مۈلۈكلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە مەبلەغ سېلىشى، مۇھىم ئالماشتۇرۇش سودىلىرى ۋە مەبلەغ ئالاقىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئائىت ئۇچۇرلار چوقۇم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشى كېرەك.

  بۇ چارىدە مۇنۇلار ئېنىق بولدى: خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى چوقۇم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنىڭ دائىرىسى، ئۇسۇلى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئېنىق قىلىشى كېرەك؛ ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى، يالغان خاتىرىلەش، ئازدۇرۇش خاراكتېرىدە بايان قىلىش ياكى مۇھىم مەزمۇنلارنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە ئېلان ئارقىلىق كېڭەيتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ۋاكالىتەن ئادا قىلىشقا بولمايدۇ.

  مەزكۇر چارىگە ئاساسەن، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارا تۇتۇشىغا تېگىشلىك بولغان ئۇچۇرلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك: چارىدە بەلگىلەنگەن ئاساسىي ئۇچۇرلار؛ يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى؛ ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئەھۋالى؛ خەير-ساخاۋەت تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار؛ خەير-ساخاۋەت ھاۋالىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار؛ چوڭ مال-مۈلۈكنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەبلەغ سېلىش، زور ئالماشتۇرۇش سودىلىرى، مەبلەغ مۇئامىلىسى، باغلىنىشلىق سودا ھەرىكەتلىرى قاتارلىق ئەھۋاللار؛ قانۇن-نىزامدا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان باشقا ئۇچۇرلار.

  مەزكۇر چارىدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى چوقۇم مەزكۇر تەشكىلاتتا ئالغان يىللىق ئىش ھەققىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە رەتكە سالغاندا، ئالدىنقى 5-ئورۇندا تۇرىدىغان خادىملارنىڭ ئىش ھەققى سوممىسى، ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش خىراجىتى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش خىراجىتى، كۈتۈۋېلىش خىراجىتى ۋە كاماندىروپكا خىراجىتىنىڭ ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

  مەزكۇر چارىدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى سىرتقا قارىتا ئاشكارا تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سىرتقا ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىسا ياكى ئاشكارىلىغان ئىشلار چىن-ھەقىقى بولمىسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس بۇ ھەقتە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا ۋە ئۇنى پاش قىلسا بولىدۇ. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ئۇچۇرلارنى ئاشكارا تۇتۇشقا ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ۋە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر