باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق رايونلاردىكى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ساقلاش مەيدانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەخسۇس نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى

2018.08.09 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەلكۈن مەزگىلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك، چاقماق چېقىش ۋە تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ناچار ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ھەم بۇ مەزگىل خىمىيە سانائىتى ۋە خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ھادىسىسى يۈز بېرىدىغان، بولۇپمۇ ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەر ھەمىشە كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. جىددىي تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئالتە تەكشۈرۈش يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تيەنجىن، لياۋنىڭ، جاڭسۇ، جېجياڭ، شەندۇڭ ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ساقلاش مەيدانلىرىغا قارىتا مەخسۇس نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: يەنى، ساقلاش مەيدانلىرىنىڭ لايىھەلىنىشىنىڭ مۇنتىزىم بولغان ياكى بولمىغانلىقى، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش ۋە تىجارەت ئىشلىرىنىڭ بار-يوقلىقى، ساقلاش مەيدانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛ گاز باكى رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، بېسىمى، سۇيۇقلۇق ئورنى، يېنىشچان ۋە زەھەرلىك گازنىڭ سىگنالى ۋە ئۆزئارا قۇلۇپلىنىش سىستېمىسىنىڭ جايىدا ئىشقا سېلىنغان-سېلىنمىغانلىقى؛ خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ ئامباردا زور مىقداردا ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ساقلانغانلىقى، بەك يۇقىرى دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقى، چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشنىڭ قوپال بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار؛ جىددىي قۇتقۇزۇش سايمانلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەمدە باشقا ماددىي ئەشيالارنىڭ سەپلەش-ئىشلىتىلىشىنىڭ جايىدا بولغان-بولمىغانلىقى قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر