باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

50 شەھەرنىڭ 5-ئايدىكى يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111.5 ئاشتى

2018.06.05 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يەر-زېمىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 5-ئايدا قسمەن شەھەرلەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى بۇ يىللىق رېكورتنى ياراتقان، تەكشۈرۈلگەن 50 چوڭ قىزىق نۇقتا شەھەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى جەمئىي 313 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە خاڭجۇۋ، چۇڭچىڭ، جياشىڭ قاتارلىق يەتتە شەھەرنىڭ يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى كۆپرەك بولغان.

  ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم شەھەرلەرنىڭ يەر پۈتۈشۈش باھا نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، بىراق پۈتۈشۈش سوممىسى يەنىلا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى رېكورتنى يېڭىلىغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يەر-زېمىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، 50 چوڭ شەھەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى جەمئىي 1 تىرىللىئون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2017-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 950 مىليارد 300 مىليون يۈەن، يەنى %57.6 ئاشتى.بۇنىڭ ئىچىدە 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان خاڭجۇۋ شەھىرىنىڭ 139 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %246 ئاشقان. سومما جەھەتتىن قارىغاندا، خاڭجۇۋ، چۇڭچىڭ، سۇجۇۋ، بېيجىڭ، جېڭجۇۋ، جىنەن قاتارلىق ئالتە شەھەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمى ئوخشاشلا 50 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

  جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: قىزىق نۇقتا شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەر باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، كۆپ قىسىم شەھەرلەردە يەر باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىدە بىردەك تۆۋەن ئورۇن ساقلاندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، قىزىق نۇقتا شەھەرلەردە يەر باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئاساسەن %10 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى %30لىك ئوتتۇرىۋە نىسبەتتىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم شەھەرلەردە يەر پۈتۈشۈش يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇردى، بولۇپمۇ 1-،2-لىنىيەدىكى شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ تۇرالغۇ تۈرىدىكى قۇرۇلۇشلارغا يەر ئېلىش ئاكتىپلىقى يەنىلا خېلى يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3-،4-لنىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ يەر بازىرى كۆرۈنەرلىك جانلانغان بولۇپ، 2018-يىلى كىرگەندىن بۇيان، زور مىقتاردىكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى 3-،4-لىنىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ يەر ئېلىش دائىرىسىگە كىرىپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش سوممىسىنى ئۆستۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر