باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز ۋالېنتلىق بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى تېز بولغاندا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا بازارغا سېلىنىدۇ

2018.05.30 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ماي خەۋىرى، جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسىسى خەۋەرلىرى»گە ئاساسلانغاندا، توققۇز ۋالېنتلىق بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەستىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بازارغا ھەقىقىي سېلىنىشىغا يەنە ۋاقىت كېتىدىكەن. ۋاكسىنىنىڭ بازارغا ھەقىقىي سېلىنىش ۋاقتىغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: توققۇز ۋالېنتلىق بالياتقۇ بويۇن راكى ئۆسمىسى ۋاكسىنىسى ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا بازارغا سېلىنىدۇ.

  4-ئاينىڭ 18-كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 12 كارخانا ئارقا-ئارقىدىن بالياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان HPV ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىش ئىلتىماسىنى سۇندى. ۋاكسىنىلار ئادەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2، 3، 4، 6، 9، 11 ۋە 14 ۋالېنتلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 ۋالېنتلىقى بىلەن 14 ۋالېنتلىقىنىڭ بالياتقۇ بوينى راكىغا بولغان قاپلاش نىسبىتى نەزەرىيە جەھەتتىن توققۇز ۋالېنتلىق ۋاكسىنىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. نۆۋەتتە، تۇنجى تۈكۈمدىكى HPV ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنكىدا قوغداش ئۈنۈمىنىڭ سىنىقى تاماملىنىپ بولدى، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ۋاكسىنىلار 3- باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناق قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا؛ باشقىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كلىنىكىدا تەرجىرىبە قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

  دۆلەت دورا باھالاش مەركىزى بىيو دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لو جيەنخۇي مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئامما ئۆزى تاللىيالايدىغان HPV ۋاكسىنىسى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋاكسىنىنىڭ قاچان بازارغا سېلىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىش سۈرئىتىگە باغلىق. دورا باھالاش مەركىزى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى توغرىسىدا كارخانىلار بىلەن پىكىر-ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتنى تېخىمۇ تېزلىتىشكە بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلگىرىكىدەك ئارقىمۇئارقا ئۇلاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى يانداش ئۇلاش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىپ، ۋاكسىنىنىڭ تېزدىن بازارغا سېلىنىشىدىكى تېخنىكا تەلىپىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر