باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرلىقى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى پەرقلىق ھەق ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك

2018.05.30 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا خېنەننىڭ جېڭجۇدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. شۇ يىغىندا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دەي دۇڭچاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ پەرقلىق ھەق ئېلىشىنى كېڭەيتىش ۋە ETCنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلاردىكى قاتناش تىرانسپورتقا مەسئۇل تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مىنىستىرلىق پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ پەرقلىق ھەق ئېلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ETCنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۇنىڭدىن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

   دەي دۇڭچاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ يول تورى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، پەرقلىق ھەق ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تەدبىردىن دەسلەپكى قەدەمدە كۆپ تەرەپلەر ئورتاق پايدا ئېلىشتەك كۆزلىمە نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. جايلىشىشى مۇۋاپىق بولۇش، قاتلام ئېنىق بولۇش، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولۇش، ETC تىجارەت تورىنىڭ ئۇلىنىشى راۋان بولۇش قاتارلىقلار دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، «تۇتاش تور»دىن تەرەققى قىلىپ «ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كېڭەيتىش»كە قاراپ ئۆزگىرىشتەك زور يۈكسىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  دەي دۇڭچاڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي باھالاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى پەرقلىق ھەق ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈك تىرانسپورتىدىكى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ، تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. «ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلققە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قولايلىق يارىتىش» پرىنسىپى بويىچە، ETC ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئىگىلىنىش نىسبىتى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىلىپ، يېڭى تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرىشىنى توسىۋالماي تۇرۇپ ھەق ئېلىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ETCنىڭ بىرلەشمە تور تىجارەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش، تاشيول ئۇچۇر ئېقىمى، كەسىپ ئېقىمى ۋە باشقۇرۇش ئېقىمىنىڭ ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانلاش-تەتقىق قىلىش يۇرتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ پەرقلىق ھەق ئېلىش سىياسىتىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ تاشيول نازارەت قىلىش-ئۆلچەش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ETCنىڭ بىرلەشمە تورلاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەملىكەتلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. خېنەن، سەنشى، جېجياڭ، بېيجىڭ، جياڭسۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە پەرقلىق ھەق ئېلىش جەھەتتىكى ۋە ETCنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر)لەردىن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پەرقلىق ھەق ئېلىشنىڭ خىزمەت مۇددىئاسى ۋە ETCنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر