باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تولغاقسىز تۇغۇتنى ئومۇملاشتۇرۇش نېمىشقا تەس

2018.05.17 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر، تولغاقسىز تۇغۇت تېخنىكىسى تۇغۇت ئازابىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتەلەيدىغان بولدى. لېكىن ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئاسارىتى، ناركوز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى، سىياسەتنىڭ مۇكەممەللەشمەسلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزدە تولغاقسىز تۇغۇت نىسبىتى %10كىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. مۇتەخەسسىسلەر ئىختىساسلىقلار كەمچىللىكىنى تۈگىتىپ، ناركوز قىلغۇچى، تۇغۇت ياردەمچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، تولغاقسىز تۇغۇتنى ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجى دەپ ئويلىشىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە كىرگۈزۈش تەكلىپى بەردى.

  تولغاقسىز تۇغۇت تېخنىكىسى دۇنيادا ئاللىبۇرۇن پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكا بولۇپ، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ تولغاقسىز تۇغۇت نىسبىتى %90تىن يۇقىرى، لېكىن دۆلىتىمىزدە %10كىمۇ يەتمەيدۇ.

  تۇغۇت بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: جەمئىيەتنىڭ باياشاتلىشىشى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئازابى ئېغىرلىشىشتەك ئەھۋال كۆپەيمەكتە. نۇرغۇن تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېشىپ، ھەرىكىتى ئازلاپ كەتتى، جىسمانىي ئەمگەك قىلىشى ھاجەتسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەل ئىچىدە «بودەك بوۋاق»نى ياخشى كۆرىدىغان ئادەت بولغاچقا، ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ، باش سۆڭىكىنىڭ تېز يېتىلىپ، تېز قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ داس سۆڭىكى بۇنىڭغا ماسلىشىپ يوغىنىمىغاچقا تۇغۇت ئازابى ھەسسىلەپ ئاشتى. بىر تەرەپلىمە ھالدا تەبىئىي تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ۋاسىتىلىرىغا تايانماسلىق ئەمەلىيەتتە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېتىبار بەرمىگەنلىكتۇر.

  يالغۇز پەرزەنت سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە تۇغۇت ئازابى ۋەھىمىسىنىڭ تەسىرىدە، ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتكەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىدىن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەرگىچە ئۆزى تۇغۇش يەنى تەبىئىي تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولدى، بۇنداق قىلسا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوپېراتسىيە خەتىرى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشى ۋە بوۋاقنىڭ يېتىلىشى جەھەتلەردە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارالدى. لېكىن ئۆزى تۇغۇش دائىم ناركوز ۋە ئۈسكۈنە قاتارلىق سۈنئىي ئارىلىشىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلانماي «تەبىئىي» تۇغۇش دەپ خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى.

  شاڭخەي ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش 1-دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يىڭ خاۋ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش تەبىئىي تۇغۇش ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىغا ماسلىشىشى كېرەك. داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۇغۇتنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئاسان قىلىش ئۈچۈندۇر. دورا ئارقىلىق تولغاقسىز تۇغدۇرۇش ئومۇملاشتۇرۇلسا، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقتىن قورقۇپ بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ھامىلىدار ئاياللار ئۆزى تۇغۇشنى تاللايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «تولغاقسىز تۇغدۇرۇش» پەقەت ئاغرىقنى يەڭگىللىتىدۇ، مەسىلەن، ياۋروپادا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم «ماڭغىلى بولىدىغان، قاتتىق پەردە سىرتىدىن ناركوز قىلىش»، شۇنداقلا بەلگىلىك، چىدىغىلى بولىدىغان ئاغرىقنى ساقلاش، بۇ تۇغۇشقا پايدىلىق.

  مەملىكەت مىقياسىدىن قارىغاندا، تولغاقسىز تۇغۇتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس. جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى ناركوز ئىلىمى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى 46 تۇغۇت دوختۇرخانىسى، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۇغۇتلۇق ئايالنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دورا ئارقىلىق تولغاقسىز تۇغدۇرۇشتا شەرقىي جۇڭگو ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، تەخمىنەن %30نى ئىگىلەيدىكەن؛ شىمالىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگودا %10نى ئىگىلەيدىكەن؛ غەربىي شىمال رايونلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ %3 كىمۇ يەتمەيدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر