سۈرەتتە: 15-ماي، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس مېدفورد ۋېللىنگتون بېكىتىدە تارتىلغان، جۇڭگو ئاپتوموبىل گوروھى چاڭچۈن رېلىسلىق ئاپتوموبىل شىركىتى بوستون قىزغۇچ سېرىق مېتروسى ئۈچۈن ياسىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مېترو ۋاگونىنىڭ ئىچىكى كۆرۈنۈشى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ئاپتوموبىل گوروھى چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتى بوستوننىڭ قىزغۇچ سېرىق مېترو لىنىيەسى ئۈچۈن ياسىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت ۋاگون ۋېللىنگتون بېكىتىدە لىنىيەدە سىناق قىلىندى، ۋاگونلارنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سىناقتىن ئۆتۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى