باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: ھېچقانداق ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نامىدا مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگىنى يوق

2018.05.17 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 16-ماي «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىش قىلمىشى توغرىسىدىكى كەسكىن باياناتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بايانات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلغان. «بايانات»تا مۇنداق دېيىلدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاممىدىن كەلگەن، بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نامىدا جايلاردا قىسمەن ھەمكارلىق تۈرى، مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان خەت-چەك، تېلېفونلارنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى.

  «بايانات» تا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نامىدا تۈرلۈك ھەمكارلىق تۈرى، مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىپ باقمىدى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە قارىتا، مەنپەئەتدار مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىپ مەھكىمە-ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دەلىللىسە بولىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ھوقۇق ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە بولمايدۇ. جامائەتنىڭ مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىشقا چېتىشلىق تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر