باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەت تۆلىمىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا چېقىلىشنىڭ كۈندىلىك تۆلىمى 284.74 يۈەن بولىدۇ

2018.05.17 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرز تەپتىشلىكى نازارىتى 16-ماي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرز تەپتىشلىكى تارماقلىرىدىن ئۆزى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولغان دۆلەت تۆلىمى دېلولىرىنى بېجىرگەندە، يېڭى كۈندىلىك تۆلەم ئۆلچىمى 284.74 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئۆلچەم ئالدىنقى يىلدىكىدىن 25.85 يۈەن ئۆستى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرز تەپتىشلىكى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق دېدى: دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىدا «پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلغان بولسا، كۈندىلىك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15-ماي 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكىلەردىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 74318 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان قانۇن بەلگىلىمىسى، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات، شۇنداقلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن مەملىكەت بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشىنى ھېسابلاش فورمۇلاسى بويىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرز تەپتىشلىكى نازارىتى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىش دۆلەت تۆلىمى دېلولىرىنىڭ يېڭى كۈندىلىك تۆلەم ئۆلچىمىنى 284.74 يۈەن قىلىپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن باشقا «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تۆلىمى دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 21-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى 16-مايدىن باشلاپ، دۆلەت تۆلىمى ھۆكۈمى چىقارغاندا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىشقا قارىتا يېڭى كۈندىلىك تۆلەم ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر