خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا سودا-سانائەتچىلەر رەھبەرلىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆھبىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو غۇلىچىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيانى قۇچاقلاپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەلكەننى يېيىپ يولغا چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى