باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى تۆت ئايدا مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9ئېشىپ، 6 تېرلىيۇن 901 مېليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى

2018.05.15 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مېنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى كىرىمى 1 تېرلىيۇن 847 مېليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان.1-ئايدىن 4-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 6 تېرلىيۇن 901 مېليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 3 تېرلىيۇن 323 مېليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئاشقان؛ يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 3 تېرلىيۇن 578 مېليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئادەتتى جامائەت خامچوت كىرىمى ئىچىدىكى باج كىرىمى 6 تېرلىيۇن 89 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5ئاشقان؛ باجدىن باشقا كىرىم 812 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 تۆۋەنلىگەن.

  1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 6 تېرليۇن 569 مېليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئاشقان. ئاساسلىق چىقىم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك: مائارىپ چىقىمى: 956 مېليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1كۆپەيگەن؛ پەن-تېخنىكا چىقىمى: 181 مېليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 كۆپەيگەن؛ مەدەنىيەت تەنتەربىيە ۋە تارقىتىش ۋاستىلىرى چىقىمى: 79 مېليارد يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىدىكىدىن %12.5 كۆپەيگەن؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى: 1 تېرلىيۇن 100 مېليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 كۆپەيگەن؛ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق چىقىمى:493 مېليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4كۆپەيگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر