باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە 96 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى

2018.05.14 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە 96 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى، يەنە بىر تۈركۈم دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار جەزىملەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار 100گە يېتىدىكەن. 2019- يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ھۆكۈمەت باش ۋەكىلى ۋاڭ جىنجېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بولسا، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى تارىخىدا ھۆكۈمەت تەرەپ ئەڭ كۆپ قاتناشقان بىر قېتىملىق كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇنداقلا ئىنتايىن قىزىقارلىق تۈس ئالىدىغان بىر قېتىملىق دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى بولىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.

  بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى يەنچىڭ رايونىدا ئېچىلىدۇ. بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كەسپىي تۈردىكى دۇنيا يەرمەنكىسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئېكولوگىيە جەھەتتىكى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان بىر خەلقئارالىق چوڭ پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى جەزىملەشتۈرۈلگەن 96 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىچىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇ تەشكىلاتلار ئىچىدىكى بىرى ھېسابلىنىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف 9– ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مەيدان تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت. بۇ، بارچە گۈللەر جەم بولىدىغان، تەبئىيەت بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى نامايان بولىدىغان كاتتا بىر بايرام بولغۇسى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن پېي ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باغچە رايونىدىكى ئاممىۋى مەنزىرە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، جۇڭگۇ سارىيى ۋە خەلقئارا سارايلار دېگەندەك يادرولۇق قۇرۇلۇشلارنىڭ گەۋدە قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى تاماملاندى، باغچا رايونى ۋە سىرتقى يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر