باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئۇنۋان باھالاشقا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنۇلار دېيىلدى:

ئۇنۋان باھالاشتا ئەمدى «بىر خىل ئۆلچەمنى ئۆزگەرتمەسلىك» تەك كونا تۈزۈمدە چىڭ تۇرىۋالماسلىق كېرەك، «نېمە ئىش قىلغان بولسا، شۇنىڭغا قارىتا ئۇنۋان باھالاش» كېرەك

2018.02.09 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە 8- چېسلا «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى »نى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنۋان باھالاشتا «بىر خىل ئۆلچەمنى ئۆزگەرتمەسلىك» تەك كونا تۈزۈمدە چىڭ تۇرىۋالماسلىق كېرەكلىكى، ئۇنۋان باھالاشتىكى ئىلمىي ماقالىسى جەھەتتە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، ئۇنۋان ئۆستۈرۈشتە «ئەينەك ئىشىك» بولۇشتەك ئىلگىرىكى ھەر خىل رامكا ۋە قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوخشاش بولمىغان ئىختىساسلىقلارغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەم تۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان نەتىجىسىنىڭ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى قوللاپ، كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارغا قارىتا ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى يېڭىدىن ئېچىپ بېرىپ، «نېمە ئىش قىلغان بولسا، شۇنىڭغا قارىتا ئۇنۋان باھالاش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەنلەر ئاندىن باھالىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىستېمىلىق ھالدا ئۇنۋان باھالاش ئۆلچىمىدىكى ئەخلاق، ئىقتىدارى ۋە نەتىجىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتكە قارىتىلغان، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈرگە ئايرىپ باھالاش كېرەك ئىكەن، ئوخشاش بولمىغان ساھە كەسىپ ۋە قاتلاملاردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلارغا قارىتا، ئوخشاش بولمىغان باھالاش ئۆلچىمى ۋە نەتىجىسى ۋەزنىنى تۈزۈش كېرەك. مەسىلەن، ئاساسىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىقلارغا، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، نەتىجىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتى، ئىلمىي سەۋىيەسى ۋە تەسىر كۈچى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قىلىپ باھالاش كېرەك؛ ئامما، پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىقلارغا قارىتا، تېخنىكا جەھەتتىن كىشىلەرگە مەدەت بېرىش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ساھە باھالاشتىكى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى نۇقتىلىق قىلىپ باھالاش كېرەك.

  بېيجىڭ شەھىرى بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتىكى دۆلەت تەۋەلىكى، نوپۇس رويخېتى، جاي، سالاھىيەت، كادىرلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىلەرنى يەنىمۇ بۆسۈپ تاشلاپ، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي ئورۇن خادىملىرىدىن سىرت يەنە، مۇنەۋۋەر چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىختىساسلىقلار، ئەركىن كەسىپ ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى يېڭىدىن ئېچىپ بەردى، ھەمدە تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئۈچۈن ئۆسۈش يولىنى راۋان قىلىپ بەردى، بۇرۇنقىدەك «ئۇنۋان ئۆستۈرۈشتىكى «ئەينەك ئىشىك» مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات 1986- يىلىدىن باشلاپ ئۇنۋان ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى قايتا يولغا قويغان ئۇنۋان ساھەسىدىكى زور ئىسلاھات بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا چېتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر