باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

قوراللىق جىنايەت سادىر قىلىش بەش يىلدا %80 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، پارتلىتىش جىنايىتى دېلوسى سادىر قىلىش %60تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى

2018.02.09 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى قاتارلىق 24 تارماق قاتناشقان قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بويۇملار قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە زەربە بېرىش-تۈزەش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى تەسىس قىلىندى. مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىدا 7-فېۋرالدىن باشلاپ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىككى يىللىق قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ بويۇملار قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 8-فېۋرال سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بەش يىلدىن بۇيان 1 مىليون 12 مىڭ قانۇنسىز قورال-ياراغ يىغىۋېلىندى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قورال، پارتلاتقۇچ بويۇملارنى قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق كونترول قىلىشنى جەمئىيەت ئامانلىقى ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. بەش يىلدىن بۇيان، 1 مىليون 12 مىڭ قانۇنسىز قورال-ياراغ، 5661 پاي ئوق، 14 مىليون 772 مىڭ كىلوگىرام پارتلاتقۇچ، 31 مىليون 389 مىڭ پىستان يىغىۋېلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق جىنايەت سادىر قىلىش دېلوسى 2012-يىلىدىكى 311دىن 2017-يىلى 58گە ئازلاپ، %80تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، پارتلىتىش جىنايىتى دېلوسى 2012-يىلىدىكى 161دىن 2017-يىلى 58گە ئازلاپ، %60تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر