باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات- رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى توردىكى كۆپتۈرۈلگەن چاكىنا ئۈن–سىن پىروگراممىلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ تۈزىدى

1500دىن ئارتۇق تور ئاكونتى تازىلاندى

2018.02.09 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات- رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ 8- فېۋرال چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، باش ئىدارە يېقىندا يەرلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، توردا يېقىندا كۆرۈلگەن كىلاسسىك قىزىل ئەسەرلەر بۇرمىلانغان، يامان نىيەتتە نادىر كارتون ئوبرازلىرىغا قانلىق، زوراۋانلىق كۆرۈنۈشلىرى ئۇلاپ تارقىتىلغان، چولپانلار خەۋەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى چاكىنىلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلغان ۋە بايلىق كۆز-كۆز قىلىنغان راھەت سۈرۈش تىپىدىكى ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ تۈزىگەن.

  ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، يۇكۇ، ئەيچىيى، تېڭشۈن، بەيدۇ قاتارلىق كىنىشكىسى بار ئۈن-سىن تور بېكەتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۈن–سىن پىروگراممىلىرىنى ۋە ئۇلانمىلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئۆچۈرگەن، ۋەقەگە چېتىشلىق ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ پىروگرامما يوللاش ئىقتىدارىنى تاقاپ، ئىچكى قىسىمدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى قوزغاتقان. ھازىرغا قەدەر، توردىكى جەمئىي 1500دىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك ھېسابات نومۇرى تازىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك پىروگرامما ئۇلانمىلىرى ئۈزۈل-كېسىل ئۆچۈرۈلگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا، كىلاسسىك قىزىل ئەسەرلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا خىلاپ بولغان، بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىپ، راھەت سۈرۈشكە دەۋەت قىلغان، خالىغانچە كۆپتۈرگەن، پەسكەش، چاكىنا قاتارلىق ئۈن–سىن پىروگراممىلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى توردا تارقىتىش — جامائەت تەرتىپى ۋە ياخشى ئادەتلەرنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش بولۇپ، تور ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ، توردا تارقىتىش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر نەپرىتىنى قوزغىدى، دېيىلدى.

  دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تور بېكەتلىرى ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىجىل ھەر تەرەپلىمە ئوڭشاش لازىم؛ تور ئۈن-سىن يېڭى تاراتقۇلار تارقىتىش سۇپىسى تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش، يېتەكچىلىك ئۆتكىلى، مەزمۇن ئۆتكىلى، خادىملار ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بايقاپ، ئىچكى تىزگىنلەش تۈزۈمى ۋە سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك مەسىلىسى ۋە مەزمۇن مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان ھەرقانداق ئۈن–سىن پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش يولى بىلەن ھەرگىز تەمىنلىمەسلىك لازىم؛ تور ئۈن–سىن پىروگراممىلىرى جەمئىيەتلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولى، ساھەنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ مەدەنىي، ساغلام بولغان تور ئۈن-سىن مۇھىتى بەرپا قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر