باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.02.09 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن باغلاپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭ بولغان مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي ئايرىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى دائىرىسىنى بېكىتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تورىنى چىڭ توقۇپ، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى توختىماي قاندۇرۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقنى مەركەز قىلىش، مالىيە ئىش ھوقۇقىنى ئايرىشنى مەركەز قارار قىلىش، ئۆلچەمنىڭ مۇۋاپىق، لايىقىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پەرقلىق ئۈستىگە ئېلىش، پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ 2020-يىلىغا بارغاندا، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، ئۆلچىمى مۇۋاپىق، كاپالىتى كۈچلۈك ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تۈزۈم سىستېمىسى ۋە كاپالەت مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر