- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتى: 4100 دىن ئارتۇق دوختۇرخانىدا يان تېلېفونAPP سى ئېچىلدى
2018.02.09 14:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ ياخۇي مۇنداق دېدى: كېسەل كۆرسەتكەندە، دېئاگنوز قويۇش، ھەق تاپشۇرۇش، دورا ئېلىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش ۋاقتى قىسقا بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەملىكەتلىك 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئالدىن كېلىشىپ داۋالىنىش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلدى. تور، تېلېفون، كۆچمە ئالاقە تورى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، تەكشۈرتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ توردىن پايدىلىنىپ، بىر جايدا راسچوت قىلىش، يان تېلېفوندا ھەق تۆلەش قاتارلىق ھەق تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھەق تۆلەش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ.
نۇرغۇن چوڭ دوختۇرخانىلار مەخسۇس يان تېلېفون APP سى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئېچىپ، بىمارلار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يان تېلېفوندىلا كېسەل كۆرسىتىش ئەسكەرتمىسى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرەلەيدىغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا قاتراش جاپاسىدىن قوتۇلدى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 4100 دىن ئارتۇق دوختۇرخانىدا بىمارلارنى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇش يان تېلېفون APP سى بولغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر