باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسلىنى ئاشكارىلىدى

2018.02.09 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  دۆلەت پوچتا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىسىنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىپ، سوۋغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ كېنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان ساياھەت ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش مەسىلىسى.

  فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى باھالاش مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش مەسئۇل ئىقتىسادچىسى جېڭ لىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى.

  چۇڭچىڭ شەھىرى چىجياڭ رايونلۇق يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ زەيبىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىزمەت كۈنىدىكى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھاراق ئىچىش، جۇەنتاڭ بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋۇ گاۋچياڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ مېھمان كۈتۈش مەسىلىسى.

  سەنشى ئۆلكىسى ۋۇشياڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى خاۋ بىڭخۇڭنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بايلىق شىلىۋېلىش مەسىلىسى.

  يۈننەن ئۆلكىسى ياۋئەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ دۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى.

  جۇڭگو پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى جېجياڭ ئۆلكىلىك تارماق بانكىسى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جاۋ شياۋخۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىش مەسىلىسى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرى تۇرۇبا سۈيى گۇرۇھى تور باشقۇرۇش-تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شيا جۈننىڭ كاماندىروپكا پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىدىكى سەككىز مەسىلە ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىغا، ھەم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا چېتىلىدۇ، ئۇنىڭدا ھەم كونا مەسىلە ۋە ھادىسىلەر، ھەم يېڭى ھەرىكەت يۆنىلىشى ۋە يېڭى ئىپادىلەر، شۇنداقلا بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى مەۋجۇت، بۇ مەسىلىلەر «تۆت خاھىش» نىڭ جاھىل، تەكرار يۈز بېرىش خاراكتېرىنى، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتەك يوشۇرۇن ئاپەتكە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىك ۋە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى قەلبىگە، ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنى كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق مىزانىغا ئايلاندۇرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر