باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭ ئۆلكىسى جۇ جىياڭ قاتارلىق «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» نىڭ يېرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالدى

2017.12.06 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىل 1-دېكابىر، مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرىۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىشى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى، بوشاشماي تىرىشىشى بىلەن، جېجياڭ ئۆلكىلىك ج خ ئورگىنى جۇ جىياڭ قاتارلىق «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» نىڭ 50 ىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالدى. ھازىر «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» نىڭ يېرىمى تۇتۇلدى.

  جۇ جىياڭ، ئەر، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق كادىرى، توختام ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق بولۇپ، 2008-يىلى 12-ئايدا جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى چىقارغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ نومۇرى A-1025/2-2015. جۇ جىياڭنىڭ دېلوغا چېتىشلىق مەبلىغى قانۇن بويىچە تۆلىتىۋېلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر