باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىلھام

2017.12.06 16:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى بىزگە ئۇلۇغۋار پىلاننى سۈرەتلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ بىزنىڭ سىياسىي خىتابنامىمىز، ھەرىكەت پىروگراممىمىز. مەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  مەن كىچىكىمدىن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئاتا- ئانام ماڭا قايسى مىللەت بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھەممەيلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈشىمىز، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشىمىز، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، دەپ تەربىيە بېرەتتى، ئاتا- ئانامنىڭ تەربىيەسىدە مەن كىچىكىمدىنلا ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ھېسسىياتنى تونۇپ يەتكەنىدىم. كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇشنى «تۆۋەن چەك»، «قىزىل سىزىق» قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە ھوشيار، سىياسىيدا سەگەك بولىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى بولۇپ، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي قوغدايمەن.

  بىرىنچى، پارتىيەگە سادىق بولۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە تولۇق ئىشىنىمەن، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنىمەن، ھېسسىيات جەھەتتە چوڭقۇر تونۇيمەن، ھەرىكەت جەھەتتە يېقىندىن ئەگىشىمەن، خىزمەتنى ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەپەككۇر قىلىپ، پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتتە ھەم ناھىيەمىزگە شەرەپ كەلتۈرىمەن، ھەم ئومۇمىيەتكە تۆھپە قوشىمەن. بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن سىستېمىسىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەمنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ- چوڭ مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىنتىزامغا شەرتسىز بويسۇنىمەن، قائىدىگە ئەمەل قىلىپ بىخۇدلۇق قىلمايمەن، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ ھالقىپ كەتمەيمەن.

  ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. بىز پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تىپ تۇرغۇزۇپ، ئۈلگە تىكلەپ، ھەر مىللەت خەلق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئويغۇنلىشىشقا يېتەكلەيمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئالداش، قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى ئاشكارىلايمەن، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ دۆلەت بىلەن دۈشمەنلىشىش، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش، خەلققە زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايمەن. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داغدۇغىلىق، چوڭقۇر، سىجىل تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تېرررولۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر