باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق قىزىش ۋەزىيىتى تۆۋەنلىدى

2017.08.16 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-ئاۋغۇست دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2017-يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەملىكەت بويىچە ئۆي مۈلۈك تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىش ئەھۋالىدىن ئايان بولۇشىچە، ئارىدىن 19 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ پۈتتۈرۈلۈش كۆلىمى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن.

  كەسىپ ساھەسىدىكى ئەرباب مۇنداق دەپ قارىدى: تۈرلۈك ئالدىن كۆرسەتكۈچلەردىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپى پەيدىن-پەي مىقدار ئاشىدىغان بازاردىن زاپاس بازارغا كىرگەن. كەلگۈسىدە تەرەققىيات كارخانىلىرى ئۆي سېتىشتىن مۇلازىمەت سېتىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسايدىكەن، خوجىلىق باشقۇرۇشنىڭ كۆپەيمە قىممەت مۇلازىمىتى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدىكەن.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ پۈتتۈرۈلۈش كۆلىمى 335 مىليون 430 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 7-ئايدا 2016-يىلىدىن بۇيان بىر ئايدا تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. تۇرالغۇ ئۆي سېلىش كۆلىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئاستا بولغان؛ تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى %2.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى 6 ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنتى تۆۋەنلىگەن؛ تۇرالغۇ ئۆيلەردە يېڭىدىن ئىش باشلاش كۆلىمى %11.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى 6 ئايدىكىدىن 3 پوئىنتى تۆۋەنلىگەن.

  يىجۈ ئۆي مۈلۈك تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ خۇڭشۈ مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلەر كۆلىمىدىكى ئۈچ چوڭ ئالدىن كۆرسەتكۈچنىڭ تۆۋەنلىشى تەساددىپىي ئەھۋال ئەمەس. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى يېتەرلىك ئۆي سالدى، تارالغۇ ئۆي زاپىسى ناھايىتى كۆپ. ھازىر ئېلىمىز كىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 40 كۇۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسىدە ئاھالىلارنىڭ يېڭى ئۆيگە بولغان تەلىپىنىڭ ئېشىشى داۋاملاشمايدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدە يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ، نىمكەش ئۆي سودىسى بازاردا يېتەكچى بولۇپ قالىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىش داۋامىدا بايقىشىچە، ئۆي سېتىلغاندىن كېيىنكى تەبىئىي ئۇزىرايدىغان كەسىپلەر يەنى خوجىلىق باشقۇرۇش كۆپەيمە قىممەت مۇلازىمىتى كەسىپلەر ئەھمىيەت بېرىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدىكەن.

  جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، مەملىكەت بويىچە خوجىلىق باشقۇرۇش بازىرىنىڭ كۆلىمى 1 تىرىليون 200 مىليارت يۈەنگە يېتىدىكەن، جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يۈ مۇنداق دېدى: خوجىلىق باشقۇرۇش كەسپى تىرىليون يۈەنلىك بازار بولۇپ قالىدۇ، بۇنى يەنىمۇ ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن كەسپىي خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ۋە تەرەققىيات كارخانىلىرىغا قاراشلىق خوجىلىق باشقۇرۇش كەسىپلىرى بۇ بازارغا ئاتلاندى، ئۇلار ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى ئارقىلىق ئەقىل-ئىقتىدارلىق مەھەللە قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر